/jQueryPluginUyghurInput

Uyghur input jquery plugin

Primary LanguageJavaScriptGNU General Public License v2.0GPL-2.0

jQueryPluginUyghurInput

Uyghur input jquery plugin

jQuery ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىسى

يۇلغۇن تورىدىكى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندى تۈزگەن تور يۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىشكە قولايلىقلىقى، مۇكەممەللىكى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئانا تىلدا خەت يېزىشقا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. jQuery ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تور بەتكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتە پايدىلىنىشى ئۈچۈن يۇلغۇن تورى تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچكە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ jQuery ئۈچۈن قۇشۇلما ياساپ قويدۇم. بۇ قۇشۇلمىدا ئەسلىدىكى بارلىق ئىقتىدار ۋە تىزلەتمە كونۇپكىلار ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ. پەقەت jQuery نىڭ تاللاش مەشغۇلاتى ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا خالىغان كونتروللارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

بارلىق كونتروللارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

    $(document).ready( function () {
           $(document).Uyghurinput();
        });

مەلۇم بىر كونترولغىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

    $(document).ready( function () {
           $("#txtName").Uyghurinput();
        });

خاسلىققا ئاساسەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

   $(document).ready( function () {
           $(".uyghur").Uyghurinput();
        });

بالا كونتروللارنىڭ ھەممىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش

           $(document).ready( function () {
           $("#inputArea").Uyghurinput();
        });